بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى ئالماشتۇرۇش| силавийәнчә

 

 

     

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك تورداشلار !

      خىزمەتلىرىمىزنىڭ باشلىنشى يېڭى، تەجىرىبە ۋە شەرت ـ شارائىتلىرىمىزنىڭ يېتەرسىز بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشلىرىمىزدا قىسمەن كەمچىللىكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي. شۇڭا، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى، ئىشلىرىمىزنىڭ روناق تېپىشى ۋە ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن، ھەرقايسىڭىزلار بىلەن تۆۋەندىكى نۇقىتىلار بويىچە ئورتاقلىشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز.

بىرىنچى: ھەممەيلەنگە مەلۇم، دىنى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، باستۇرىۋاتقان دوستلارنىڭ ئارىسىدىكى ئالاقە _ مۇناسىۋەتلەرنىڭ جايىدا بولماسلىقى سەۋەبلىك قىسمەن كىتابلارنىڭ تەكرار تەرجىمە قىلىنىشى ۋە ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى قېتىم بېسىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا، تەرجىمە قىلىۋاتقان، تەرجىمە خىزمىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئوبېكتىپ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ خىل ئەھۋاللارنىڭ تەكرار يۈز بىرىپ، تېخىمۇ مۇھىم خىزمەتلەرگە سەرپ قىلىنىشى كېرەك بولغان ئەقلىي ۋە ماددى كۈچنىڭ زايا بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەسلەكداشلىرىمىزنىڭ قىلغان، قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىلمىي خىزمەتلىرىدىن بىزنى ۋاقىپلاندۇرۇپ قويۇشىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ئومۇمغا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارنى، تەرجىمە قىلىشقا لايىق دەپ قارالغان مۇھىم كىتابلارنى بىزگە تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىككىنچى: تەرجىمە قىلىنىپ، ھەرخىل سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بېسىلماي قالغان كىتاب ـ ماتېرىياللار بولسا، مۇۋاپىق كەلگەن ئەھۋالدا، بىزگە يوللاپ بىرىشلىرىنى سورايمىز. ئەگەر ئۇ كىتابلار بىزنىڭ بېسىپ تارقىتىش پرىنسىپلىرىمىزغا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىمىز.

ئۈچىنچى: خىزمەتلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەر قايسىلارنىڭ سەمىمىي پىكىر_ تەكلىپلەرنى بېرىشىڭلارنى ۋە يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

ئىشلىنىپ، تاماملانغان خىزمەتلىرىمىز

 1 ـ  "ياخشىلارنىڭ باغچىسى" (رياض الصالحين) )ھەدىس كىتابى(، ئىككى قېتىم نەشىر قىلىندى.

2 ـ "ناماز ئوقۇش قائىدىسى" ناملىق ئۇنئالغۇ لىنتىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

3 - "ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئەقىدىسى" نەشىر قىلىنىپ، تارقىتىلدى.

4 - "خرىستىئان دىنىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى" نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

5 ـ قۇرئان كەرىم تەپسىرى" (ئىبنى كەسىر) نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

6- قۇرئان كەرىم پروگراممىسى ئايەتنىڭ كۈچۈرۈپ ئېلىش، ئىزدەش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىپ تەييارلانغان CD پىلاستىنكىسى نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى. تۈزۈتىلگەن ئىككىنچى نۇسخىسى يېقىندا نەشىردىن چىقىدۇ.

7 ـ كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ تۆت خىل تىلدا تەييارلانغان (ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە) كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىم يۇمشاق دىتالىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىنىلىشى ئۈچۈن تارقىتىشقا باشلىدى. (ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىدە قۇرئان كەرىم تەپسىرى  (ئىبنى كەسىر) نىمۇ بىرگە ئىشلەپ تارقىتىمىز.               

تاماملىنىپ، كۆزدىن كەچۈرىلىۋاتقان خىزمەتلەر 

    1- "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى" (منھج التربيە النبويە للطفل) ـ مۇھەممەد نۇر ئىبن ئابدۇلھەپىز سۇۋەيد

 بۇ كىتاب ئەۋلادلارنى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەربىيلەشنى ئاساس قىلىدىغان بۈگۈنكى زامان ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ تەسىرى زور بولغان كىتابلارنىڭ بىرى بولۇپ، 98- يىلىنىڭ مابەينىدە 20 قېتىم ئەتراپىدا قايتا- قايتا نەشىر قىلىنغان. كىتاب مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋلاد تەربىيلىشىگە دائىر ئەڭ ئاددى نوقىتلاردىن تارتىپ، ئەڭ يۈكسەك مەسئۇلىيىتىنى بىر قەدەر تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاتا- ئانىلارنىڭ ئېلىپ بېرىشى مۇھىم بولغان بارلىق مەلۇماتلارنى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليۇرۇقى بۇيىچە ئىنتايىن ئېنىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدە بىردىن بولۇشقا تۇلىمۇ مۇناسىپ.....

بىز بۇ كىتابنىڭ ۋاقتىدا نەشىردىن چىقىپ، كىتابخانلار  بىلەن يۈز كۆرۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغاي. 

2 -  "كىشىلىك ئەخلاق"  (أدب المفرد) _ بۇخارىي

 ئىمام ھافىز مۇھەممەد ئىبن ئىسمائىل بۇخارىينىڭ "كىشىلىك ئەخلاق" ناملىق بۇ كىتابى ھەققىدە ئاڭلىمىغان ئادەملەر كۆپ بولمىسا كېرەك. بىز بۇ كىتابنى تۇنۇشتۇرۇشتا مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەتانىڭ مۇنۇ بىر- ئىككى جۈملە سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز: ".. ئۇ بىزگە ئەڭ سەھىھ ھەدىس كىتابىنى توپلاپ، ئۇنىڭغا "سەھىھلەر توپلىمى" دەپ ئاتىغان... ئۇ يەنە مەخسۇس ئەخلاققا ئالاقىدار مۇستەقىل بىر كىتاب تەييارلاپ، ئۇنىڭغا (أدب المفرد) يەنى كىشىلىك ئەخلاق دەپ ئىسىم قويغان. ئۇ شۇ باپتىكى ئەڭ نادىر ۋە ئەڭ ئېسىل كىتاب بولۇپ، ئىسلامي ئەدەب – ئەخلاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى ئەدەب – ئەخلاققا دائىر ئىسلام ئانسىكلوپېدىيەسى دەپ ئاتاش مۇمكىن..."

 3- "پەيغەمبەر تىبابىتى" (طب النبوي) ـ ئىبن قەييۇم ئەلجەۋزى بۇ كىتابنىڭ ئىسمىلا ئۇنىڭ قانداق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر ھېس قىلالايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي كىسەللەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق داۋالىغانلىقى، شۇنداق ئەھۋاللارغا دۈچ كەلگەندە مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بىرىدۇ.

 4- "سەھىھۇل بۇخارى (صحيح البخاري) ، تەرجىمە قىلىنىپ بولدى. (تەكشۈرۈشتە ـــ ئەرەبچە ھەدىس تېكىستى كىرگۈزۈلىۋاتىدۇ).

 گەرچە سەھىھۇل بۇخارىي ئوقۇرمەنلەرگە تۇنۇشتۇرۇشتىن بىھاجەت كىتاب بولسىمۇ، يەنىلا كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا پىشقەدەم ئۈستاز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان "سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى" ناملىق بۇخارىدىن تاللانغان ھەدىسلەر توپلىمى ئوخشايدۇ، دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن، سەھىھۇل بۇخارىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىمام بۇخارى تەرىپىدىن يېزىپ قالدۇرۇلغان  نۇسخىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدۇق.

5- "قۇرئان ئىلىملىرگە دائىر ئىلمىي تەتقىقاتلار" (مباحث فى علوم القرآن)،  _ مەننائ خەلىل ئەلقەتتان

 قۇرئان ئېلىملىرىگە دائىر ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ كەم بۇلۇشى ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئۈچۈن غايەت زور بىر بوشلۇق ئىدى. بىز ئۇستاز مەننائ خەلىل ئەلقەتتان يوقىرىدا ئىسمى زىكىر قىلىنغان كىتابىنى ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرىگە سۇنۇش ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمنى بېسىپ بولدۇق. بۇ كىتاب قۇرئان كەرىم ئىلىملىرىغا دائىر كونا- يېڭى بارلىق تەتقىقاتلارنى ئېنىق، مېغىزلىق شەكىلدە ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلىرىدە دەرسلىك قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب ھازىرغىچە ئەرەب تىلىدا، قىرىق قېتىمدىن ئارتۇق نەشىر قىلىنغان. نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسىلا، بىز بۇ كىتابنى پات ئارىدا ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرىگە سۇنماقچىمىز.

ھازىر ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر   

1- "ياخشىلارنىڭ باغچىسى" (يەشمىسى، 5 توم)  (شرح رياض الصالحين) _ مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئەلئۇسەيمىن

2- "يېڭىچە ئۇسلۇبتىكى ھەنەفى فىقھىسى" (الفقه الحنفي في ثوبها الجديد)، 5 توم ـ ئابدۇلھەمىيد مەھمۇد تاھماز

3-   "ھازىرقى زامان دىن، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئانسىكلوپېدىيەسى" ئىككى توم، (الموسوعة الميسرة في الأديان والمذاهب والأحزاب المعاصرة) ـ د.مانىئ ئىبن ھەمماد ئەلجۇھەنى

4- "ھەدىس مىتودىلوگىيەسى" (أصول الحديث)  _ د.مەھمۇد تەھھان

5- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشىنىش" (فقه السيرە)  _  الغزالي

6- "قۇرئان كەرىم ئەھكام ئايەتلىرىدىن تەپسىرلەر " (تفسير آيات الأحكام من القرآن)، ئىككى توم _ مۇھەممەد ئەلىي ئەسسابۇنى (تەرجىمە قىلىنىپ نەشىرگە بېرىلدى)

7-    "ئۆمۈچۈك ئۆيى" (بيت العنكبوت) _ ئەبۇل مۇنزىير خەلىيل ئىبراھىيم ئەمىين

مۇنبەر تور بېكىتىدە تارقىتىلغان دىنى ماتېرىىاللارنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

پىلانلانغان ئىشلار

 قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار قاتارىدا تەرجىمە قىلىدىغان كىتابلارنى بىرمۇ بىر مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن بولساقمۇ، ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر تېمىدا بىردىن كىتاب تەرجىمە قىلىش ئىستىكىمىز بار. مەسىلەن، ئالتە سەھىھ ھەدس كىتابى، ئىسلام تارىخى، فىقھى ئىلمىي، ئىسلام قانۇنچىلىق تارىخى، ئىسلام ئاتالغۇلىرى ئىزاھاتلىق لوغىتى، ...  ۋەھاكازالار.

ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ:

تور بېكەت ئادرىسىمىز: www.munber.org, http://www.munber.net ئېلخەت ئادرىسىمىزmunber@munber.org  Webmaster@munber.org

 
 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org