|
ئۇيغۇر
تەرجىمە مەركىزى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيتىنى
تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ تۆت خىل تىلدا تەييارلانغان
(ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، ئىنگىلىزچە، خەنزۇچە) كۆپ تىللىق قۇرئان
كەرىم يۇمشاق دىتالىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىنىلىشى
ئۈچۈن تارقىتىشقا باشلىدى.
بۇنى
كۆرگەن، توردىن چۈشۈرۈپ پايدىلانغان ۋە ۋۇجۇدقا چىققانلىقىدىن
سۆيۈنگەن كەڭ قېرىنداشلارنىڭ بۇ خىزمەتنى باشقا ئېلىپ چىقىش ۋە
ئېلان قىلىپ تارقىتىش ئىشلىرىغا ھەسسە قوشقان بارلىق دوستلارنى
دۇئالىرىدا ئونۇتماسلىقىنى سورايمىز.
ھەممىڭلارغا بايرامدا شاتلىق تىلەپ:
ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
ھۆججەتنىڭ ئومۇمىي سىغمى 15 MB
كۆپ تىللىق
قۇرئان كەرىمنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ يېڭلاندى
قۇرئان كەرىم ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ
http://nurislam.cn/Quran/setup.exe
ھۆرمەتلىك تورداشلار! يېقىندىن بويان ھەممىمىزنىڭ پۈتۈن
ئارزۇسى ۋە تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ تۇرغان كۆپ تىللىق قۇرئان
كەرىم پروگراممىسىنىڭ تىلاۋەت (قىرائەت) ھۆججىتى تولۇق
ئىشلەندى. ھازىرچە كەڭ تورداشلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ
چۈشۈرىۋېلىشى ئۈچۈن توردا تارقىتىلىشقا باشلاندى. بۇ
تىلاۋەت ھۆججىتىنى قاچىلاشتىن بۇرۇن يۇقىرىدىكى كۆپ تىللىق
قۇرئان كەرىم ئاللىبۇرن قاچىلانغان بولۇشى كېرەك. چۈنكى
مۇندەرىجىسى شۇ پروگرام مۇندەرىجىسى ئاستىغا كېلىدۇ. ئومۇمىي
ھۆججەتنىڭ سىغىمى188 MB
بۇ يەردىن
چۈشۈرۈڭ
كۆپ تىللىق قۇرئان كەرىمنىڭ يەنەبىر قوشۇمچە بولغان ھۆججىتى
قۇرئان كەرىم ئەرەبچىسىنىڭ ئوسمانىيە نۇسخىسى بىرلىكتە
قېتىلدى. مۇۋاپىق كۆرگۈچىلەر.
بۇ
يەردىن چۈشۈرۋالسا بولىدۇ. سىغىمى 20 MB
 
مۇنبەر تور بېكىتى
ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ كۈندە بەشۋاخ ئوقۇيدىغان نامىزىنى
تولۇق مۇكەممەل ئادا قىلىشى ئۈچۈن ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد
قىلىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئوتتۇزىنچى پارىسى يەنى "ئەممە"
پارىسىدىكى سۈرىلەرنى ئاسان، توغرا، تىز يادلىشىغا
ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە تۇلۇق ئۇيغۇرچە بولغان
سۈرە يادلاش ياردەمچە يۇمشاق دېتالىنى قېرىنداشلىرىمىزغا
سۇندى. بۇ يۇمشاق دېتال بىر سۈرىدىكى بىر ياكى بىر قانچە
ئايەتنى كۆپ خىل تاللاش شەكلى بويىچە تەكرار قىرائەت قىلىش
ئارقىلىق يادلاشقا ياردەم بىرىدۇ.
ئومۇمىي سىغىمى 14.1
MB بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداش قېرىنداشلار! بەزى دىن سۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ
ياش ـ ئۆسمۈرلەرنى يازلىق مەكتەپ تەتىلنى بىھۇدە ۋاقىتىنى ئۆتكۈزمەستىن ئائىلىسىدە
كومپيوتېر بارلار بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۆگەنسە ناھايىتى ياخشى. پروگرام
ناھايىتى سىستېمىلىق بولۇپ، باشتا ئېلىپبە دىن باشلاش بىلەن بىرگە ئاۋازىمۇ
ناھايىتى ئېنىق تەلەپپۇزى ياخىشى ئايەت ـ ئايەت ۋە سۈرە ـ سۈرە ئۆگىتىشنى تەكرار ـ
تەكرارلاپ بېرىدۇ. ئۈچ ئايلىق تەتىل ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق قوللىنىشچان،
ئوقۇتقۇچىغا كېرەك يوق! ئومۇمىي پرەسلانغان سىغىمى 8 مىيگابايت.
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
يېڭى
ئۆسمۈرلەرنىڭ يازلىق تەتىلى ئۈچۈن |