بىرلەشمە ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى | پىكىر دەپتىرى | ئۇلىنىشلار | عربي | مىلادى ۋە ھىجرىيىنى بىر ـ بىرىگە ئالماشتۇرۇش

 

 

   

بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

 

تەلپۈنۈش

(تۈرۈكچىسىگە بىنائەن ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلاندى)

كامىلجان

نە ئىگىز، نە پاكار، قامىتىڭ تولغان،

ئىبراھىمغىچە نەسەبىڭ تۇتاشقان،

چاچلىرىڭ قاپقارا، بۈدۈر گۈل ئاچقان،

مېنى ئۆزۈمدىم شۇ كامالىڭ يۇلغان،

 

ئالەملەرگە رەھمەت يۈزىڭنى كۆرسەت،

بۇ قۇل بارلىقىدىن كەچمەكنى ئىستەر.

 

قوياش پەرۋانە ئۇ گۈزەل يۈزىڭگە،

نۇرىڭدىن نۇر بەرگەن بۇ كۈندۈزۈمگە،

سۇلمايدۇ قىش ـ ياز ئەشۇ گۇل رەڭگىڭ،

چېھرىڭدە تەجەللى ئېتەر ئۆزلۈكۈڭ،

 

ھەسرىتىم! كۆيەيمەن، يۈزىڭنى كۆرسەت.

قۇلۇڭ شۇ بايلىقتا شاتلانماق ئىستەر.

 

قاپ ـ قارا كۆزلىرىڭ ئاھۇ مىسالى،

دائىم ھەقنى ئىزدەر، شۇدۇر ۋىسالى،

ئېقىمۇ كۆزىڭدە ئۆلچەم كامالى،

قاشلىرىڭ شەكلىدۇر كۆكتە ھىلالى،

 

رازىمەن چۈشۈمدە يۈزىڭنى كۆرسەت،

ئاشىق مەشۇققا جان بەرمەك ئىستەر.

 

بىر تۇتام ساقىلىڭ ئېقى بەكمۇ ئاز،

مۇبارەك ۋۇجۇدۇڭ ئىللىق قىشۇ ـ ياز،

جېنىمنى يولۇڭغا قۇربان ئەتسەم ئاز،

دوسلار دەپتىرىگە قۇلۇڭنىمۇ ياز،

 

ئاچقىن ئېشكىڭنى، يۇزىڭنى كۆرسەت،

كۆڭۈل ھەسرىتىڭدە يېرىلماق ئىستەر.

 

بەش ئەزا مۈكەممەل، ئۈنچە چىشلىرى،

پۇرىقىغا خۇمار، ياشۇ ھەم قېرى،

ماڭغاندا يۈگرەش يوق، ئالدىراش نېرى،

ئىشىكىڭگە كەلدى غىرىپ پەقىرى،

 

ئاچقىن، نېمبولار! يۈزىڭنى كۆرسەت،

غىرىپ ئاياغىڭغا تاشلانماق ئىستەر.

 

يۇقىردىن پەسكىمۇ ھەيۋەتلىك چۈشۈش

يۈرىشىڭدىمۇ بار يەنە شۇ كۆرۈنۈش

ئادىتىڭ باققان تەرەپكىلا يۈرۈش

بولسۇن نىسىپ بىزگە خەيرلىك بىر چۈش

 

كەرەم قىل! نېمبولار! يۈزىڭنى كۆرسەت،

كىممۇ بۇنداق چۈشتىن ئويغانماق ئىستەر؟

 

سېنى تۇنجى كۆرگەنلەر قورققان ئىكەن،

ئاندىن ئۇلپەت بوپ، شۇئان سۆيگەنكەن،

«ئوخشىشىنى ئەسلا كۆرمىدىم» دەركەن،

”مەردانلار“ يۇلىڭدا ماڭغاچقا ”ئەر“ كەن،

 

ئوخشىشى تىپىلماس يۈزىڭنى كۆرسەت،

كۆڭۈللەر نۇرۇڭغا چۆمۈلمەك ئىستەر.

 

ئاللاھ ئۆز روھىدىن بەرگەن ساڭا جان،

رەھمان پىراقىنى رۇھۇڭغا سالغان،

يۈسۈفتە يوق ھۇسن سەندە بار شۇئان،

ئەخلاقىڭدۇر سېنىڭ مۆجىزە قۇرئان،

 

ئالەملەرگە رەھمەت يۈزىڭنى كۆرسەت،

قۇلۇڭ شۇ رەھمەتكە تويۇنماق ئىستەر.

 

ئۈممىتىڭ ئۈچۈنلا تىترىگەنمۇ سەن،

ئويغاتقان خەۋەرچى، «كەل» دېگەنمۇ سەن،

ئاللاھنى قۇللارغا سۆيدۈرگەنمۇ سەن،

كېچىنى كۈندۈزگە ئۆزگەرتكەنمۇ سەن،

 

ئى ھەقنىڭ شاھىدى! يۈزىڭنى كۆرسەت،

قۇل شاھادىتىڭدە تونۇلماق ئىستەر.

 

ھەقنىڭ جىلۋىسى ھەم ھەبىبىدۇر سەن،

كۆڭۈللەرنىڭ بىمىسال تەبىبىدۇر سەن،

ئەڭ يارقىن خۇتبىنىڭ خەتىبىدۇر سەن،

ئۈممەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك نەسىبىدۇر سەن،

 

سۆيگۈمنىڭ ۋىسالى! يۈزىڭنى كۆرسەت،

كۆڭۈل سېنى كۆزىدە ساقلىماق ئىستەر.

 

ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئۈستۈن ئەخلاق سېنىڭدۇر،

مەرتلىكتە كامال ئەلھەق! سېنىڭدۇر،

شاپائەتتە ئاخىرقى تۇراق سېنىڭدۇر،

مېراج سېنىڭ، ”رەفرەف“[1]، ”بۇرراق“[2] سېنىڭدۇر،

 

سەن كۆردۈڭ، بىزگىمۇ يۇزىڭنى كۆرسەت,

پەرۋانە شامىڭدا يانماقنى ئىستەر.

سەن كۆردۈڭ، بىزگىمۇ يۇزىڭنى كۆرسەت،

پەرۋانە شامىڭدا يانماقنى ئىستەر.


[1] جەننەتتە يولىنىپ ئالتۇرىدىغان ياستۇق.

[2] پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام مېراجقا چىققاندا مېنگەن دۇلدۇلنىڭ ئىسمى.

ئەدەبىيات سەھىپىسىگە قايتىش >

 
 
 

خىزمەتلىرىمىز
كىرىش سۆز
دىنى كىتابلار

ساھابىلار ھاياتى
ماقالىلار

مەزھەپ ۋە ئېقىملار

 
 
 
 

كۆپ تىللىق قۇرئان

رامىزانلىق سەھىپە

كۈندە بىر ھەدىس

مەشھۇر شەخسلەر
تىلاۋەت| تەبلىغ|مۇناجات
ھۆججەتلىك فىلىملەر

 
 
 
 

ئەدەبىيات
تەرمىلەر
رەسىم ئالبۇمى| مۆجىزە
توردىن چۈشۈرۈڭ
ئالاقە قىلىڭ

 
 
 
 
 
 

باش بەتكە قايتىش

webmaster@munber.org

بارلىق نەشر ھوقۇقى مۇنبەر ئىسلام تور بېكىتىگە ئائىت 2005 ــــــ 2007

  Copyright 2005 - 2007 All Rights by http://www.munber.org